بەدەۋى ئەربلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، دېدىو (بەدەۋى ئەرەبلەردە قوپاللىق ۋە توڭلۇق ئادىتى بار ئىدى)، ئۇلار: بىز باللىرىمىزنى سۆيۈپ قويمايمىز، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا قەلبىڭلاردىن رەھىمدىللىكنى تارتىۋەتسە، مەن ئۇنى قەلبىڭلارغا سېلىشقا، ئورنۇتۇشقا قادىر بولالمايمەن، دېدى. «دەلىل ئەلفالىھين» 3-توم 9-10- بەت «رىيازۇس سالىھين» ئىبنى ئۇسەيمىين2- توم 553،554- بەتلەر