بۇ ھەدىس چىن خەۋەرلەر ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كىلىنگۈچى بولغان رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىننى كىچىكلىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇنىڭ ئۈممىتى ئېگە بولىدىغان زېمىنلارنى كۆرسەتتى، بۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقتى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى شەرىقتىن غەرىپكىچە كەڭ بىپايان زېمىنلارغا ئىگە بولدى. ئىككى قەۋىمنىڭ بايلىقى بېرىلىش خوش بىشارىتى بولسا رىم ۋە پارىسلارنىڭ بايلىقىغا ئېرشىش بىشارىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇمۇ ۋۇجۇدقا چىقتى، شەرقى رىم پايتەختى بولغان ئىستانبۇلنى ۋە كىسرا پايتەختى مەدائىننى پەتھى قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن كۆمۈش بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار غەنىمەت ئالدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەگەردە ئۈممىتىم ئىچىدە ئۇرۇش ۋە ئاداۋەت بولۇپ قالسا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ، دېگەن بۇمۇ رەسۇلۇللاھ دېگەندەك يۈز بەردى. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈيقەسىت قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەي داۋاملاشماقتا. مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشرىكلارنىڭ دىنى ۋە يۇرتىغا قېتىلىپ كىتىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر شېرىك ئەقىدىسىگە كىرىپ كېتىدىغان، ئاللاھتىن باشقا مەخلۇقلارنى ئۇلۇغلاپ دەل-دەرەخ تاش، قەبرىلەرگە چوقىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. يەنە پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدىغانلار توغرۇلۇق خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاززاپ، چۈنكى پەيغەمبەرلىك رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاخىرىدا ئۈممىتى ئىچىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ئازاپ ۋە كۈلپەتلەرنىڭ كىلىشىگە قارىماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ، قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى