پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ كېچىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ قىلىدىغان رىيا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە رىيا قىلغۇچىلار ئۇچرايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتىن خەۋەر بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:«سىلەر دۇنيادا ئەمەلنى كىمنى رازى قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا بېرىدىغان ئەجىر-ساۋاپ بارمۇ؟ قاراپ بىقىڭلار» دېيىلىدۇ.