ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىزچىل توسقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەۋمى بىر قانچە ئىلاھلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۋالغان، ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرىۋالغان ئىلاھلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىۋالغان كىشىلەر بولسا ئەمەلىيەتتە تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلىگەن، شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرۇپ ئۇ تەقۋادارلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالدىغا ئېسىشقا بۇيرىغان، ئاقىۋەتتە كېيىنكى ئەۋلاتلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇ سۈرەتلەرگە بۇتقا ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلغان