ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دەپ، كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ شېرىكلەر ئاجىز-بىچارە بولۇپ ھېچ ئىشقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ئوخشاش ئىلاھلارنى تۇتۇپ، ئۆزىگە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى ئۇلارغا قىلىشتىن چەكلىدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېرىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۈمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر دەپ مىساللىرىنى بايان قىلدى، ئۇ: ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا بولغىنى ئۇ نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىش، سىنىڭ: «ئاللاھ بىلەن ۋە ھاياتىم بىلەن قەسەم» دېگىنىڭ، ياكى سەۋەب قىلغۇچىغا قارىماي سەۋەبكە قارىغىنىڭ، ئىشنى ئاللاھقا قايتۇرماي: «مۇشۇ كۈچۈك بولمىغان بولسا ئوغرى كىرەتتى»، «ھويلىمىزدا بىزنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۆردەك بولمىغان بولسا يات ئادەم كېرىپ ئوغرىلىق قىلاتتى» دېگىنىڭ، بىرسىنىڭ ھەمراھىغا: «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېيىشى، بىرىنىڭ: «ئاللاھ ۋە پالانى بولمىسا» دېيىشى شېرىكتۇر، «ئۇنىڭدا پالانى دىگەن گەپنى قاتمىغىن!» دېدى، ئاخىرىدا: ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك شېرىكتۇر، ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئىشقا تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاللاھ ئەمەس بەلكى ئادەم ياكى ئۆردەك ياكى كۈچۈك دەپ قالسا ئۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى