پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەت-تەزىم قىلىپ باش ئۇرىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويماسلىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىغانلىقى ۋە قوغلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋىلىش، قەبرىگە چوقۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.