ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىس مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن چارۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن ياكى يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى تاپالمىغايسەن دېيىشنى تەلىم بېرىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشىگە مەسچىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان چەكلىمىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنىڭ سوراشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان دەيدۇ، يەنى مەسچىت دېگەن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئۈگۈنۈش ۋە باشقا ياخشىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياسالغان، يوقاپ كەتكەن نەرسىنى مەسچىتتە سۈرۈشتۈرگۈچى بولسا ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى تاپالمىسۇن دەپ دۇئا قىلىش مۇناسىپ بولغان، مۇشۇنداق ئىش قىلغۇچىلارنى چەكلەش ۋە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز مەقسىدىنىڭ قارشىسى بىلەن جازالاش مۇۋاپىقتۇر. ئومۇمەن ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭمۇ شەرتلىرى بولىدۇ، ئۇ كىشىگە مۇشۇنداق دۇئا قىلىنسا ئۇ كىشىمۇ بۇ قىلمىشىدىن چەكلىنىپ، قول ئۈزىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەزكۇر قىلمىشنى تەكرار قىلىدۇ