پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى، كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان، ئۇچارلىقتىن، ھايۋانلاردىن، تۈرلۈك ئەيىپلەرگە دۇچار بولغان مېيىپلەردىن، تۈرلۈك سانلاردىن ياكى كۈنلەردىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ(يەنى بۇ ئىشتا ياخشىلىق يوق دەيتتى) قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەقىقەتەن شۇم پال ئېلىش شېرىك، چۈنكى ھەر قانداق ياخشىلىقنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، ھەر قانداق يامانلىقىنىمۇ ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ دەپئى قىلىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە شۇم پالدىن بىر نەرسە كىلىپ قالىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى، لېكىن ئىنسان شۇم پالنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەرنى قىلىش بىلەن يوق قىلىدۇ.