ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىس مۇنداق بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سىلىگە مەغپىرەت قىلسۇن، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلسۇن. دېدى. ئاسىم: مەن ئابدۇللاھقا، ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم. ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقىدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت