ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن ئەبۇ زەيد ئىبنى ئەختاب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن ۋە گۈزەللىكىنى داۋاملاشتۇرغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنى: ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن، گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھاياتىغىچە داۋاملاشتۇرغىن. ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەزرە: ئەبۇ زەيد ئەنسارى بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئازغىنىدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى،- دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنىڭ يۈزى پاقىراپ تۇرىدىغان، قورۇق ۋە داغ-سەپكۈن يوق بولۇپ، بۇ ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇنداق تۇردى، بۇنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، دۇئا قىلغانلىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن بولدى،- دېيىلگەن