ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەر غازىتىدا كۆز ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ يۈزىنى سۈرتۈپ، كۆزىگە تۈكۈرۈكىنى سۈرىۋىدى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقايدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى تۇتقۇزدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خەيبەر پەتھىسىنى بەردى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى يۈزىنى سۈرتۈپ، تۈكۈرۈكى بىلەن كۆزىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزىمۇ ۋە بېشىمۇ ئاغرىپ باقمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېنىق مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى