پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى مەلۇم، شۇنداق بولغاچقا ئەبۇ سەلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدىكى نامىزى: رەكەتلەرنىڭ سانى جەھەتتىن رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىغا ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىنىڭ پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى، يىل بويى ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ كەيپىيىتىنى بايان قىلىپ: «تۆت رەكەت ئوقۇيتتى» دېگەن، مەقسەت: ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، ئاندىن يەنە ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بىرەتتى،- دېگەنلىك، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستىكى ئىخچاملىقنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە تەپسىلى بايان قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بامداتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن سالام بىرەتتى، ئاخىردا بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى» دېگەن، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە نامىزى ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. «ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن»، يەنى: نامازنى قانداق شەكىلدە ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىمىغىن، چۈنكى ئۇ نامازلار ياخشىلىقىدا، قىيامدا ئۇزۇن تۇرىشىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىدە ئەڭ گۈزەل ۋە مۇكەممەل. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كېيىنكى تۆت رەكەت نامازمۇ ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن بولۇپ، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى، ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقى، ۋە رۇكۇ-سەجدىلىرى توغرۇلۇق سورىمىغىن. «ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى»، ھەدىسنىڭ ئېنىق مەنىسى: ئۈچ رەكەتنى بۆلمەي، داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرقى رەكەتتە سالام بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يەنە بىر رىۋايىتى: ئىككى رەكەتتە سالام بىرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەدىسنىڭ تېكىستى: «ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بىرەتتى ۋە بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى»، بۇ ھەدىس ئۈچ رەكەتنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلى ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟، يەنى: ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى قانداق ئۇخلايلا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېگەن، مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئۇخلىغاندەك قەلبى ئۇخلىمايدۇ، ھەر نەرسىنى سېزىدۇ ۋە تۇيىدۇ. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋە بېكىتىش ئاشۇنىڭدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشىمۇ ۋەھيى بولغان