مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىتىر نامازنى قانداق ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتلىرىغا خاس قىلىۋالماي قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى، گاھىدا ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلسا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا، گاھىدا كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، گاھىدا بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى