پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۈت نامىزى ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى گۇناھىدىن قورقۇپ، ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنغان تۇرسا، بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سېلىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىبادەت قىلىلا؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھغا شۈكرى قىلغۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟ دەيدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغانلىقىغا شۈكرى ئېيتىشتۇر