ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرغاندا ئۇنىڭدىن كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز توغرۇلۇق سورىدى، يەنى: كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ رەكئەتلىرىنىڭ سانى ۋە قانچە رەكئەتتىن ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ سىلىگە تەلىم بەرگەن شەرئى ھۆكۈم قانداق؟ دەپ سورىغان. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «كېچىلىك ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن» دېگەن، ئىككى رەكەت دېگەن سۆزنى تەكرار كەلتۈرۈش بۇنداق ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى: كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازدا ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىلىدۇ، بۇنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن، لېكىن بۇنىڭدىن ۋىتىر نامىزى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئەگەر يەتتە رەكەت ياكى بەش رەكەت ياكى ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇسا، ئۇلاپ ئوقۇپ ئاخىرقى رەكەتتە سالام بەرسە بولىدۇ. «تاڭنىڭ يورۇپ قىلىشىدىن قورقسا بىر رەكەت ئوقۇيدۇ»، يەنى: ئەگەر تاڭ يورۇشتىن قورقسا تىزدىن بىر تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن بىر رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيدۇ. «ئۇ بىر رەكئەت ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزىغا ۋىتىر بولىدۇ»، يەنى: كېيىن ئوقۇغان بىر رەكەتنى بۇرۇن ئوقۇغان ئىككى رەكەتكە قېتىۋەتسە، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى تاق بولىدۇ. ھەدىس رىۋايەتچىسى نافىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە:«كېچىدە ئوقۇيدىغان نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىڭلار» دېيىلگەن، يەنى: كېچىدىكى تەھەججۈد نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق رەكەت قىلىڭلار. ئاندىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنىڭغا بۇيرىغان" دېيىش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئۆز قارىشى بولماستىن بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئوقۇغان نامىزىمىزنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشقا بۇيرىدى، خۇددى شام نامىزى كۈندۈز نامىزىنىڭ تاق ۋە ئاخىرلىشىشى بولغىنىدەك، ۋىتىر نامىزىمۇ كېچىگە نىسبەتەن شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى سورالغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزدىن بولغان مەقسىتىنى بايان قىلىپ: ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىسەن،- دېدى، يەنى ئىككى رەكەت ئوقۇيسەن، ئاندىن سالام بېرىسەن، ئاندىن ئىككى رەكەت ئوقۇيسەن، سالام بېرىسەن...ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇمايسەن