ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە توغرىسىغا ياتاتتى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا خۇددى جىنازە قويۇلغاندەك توغرىسىغا ياتاتتىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئائىشەنى ئويغۇتاتتى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا: «ئى ئائىشە تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ھەتتا ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغاندا ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى كېچىنىڭ دەسلىپىدە ئويغاتمايتتى، كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ۋىتىر نامىزى قالغاندا، ئائىشەنى ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋىلىش، ۋىتىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ئويغۇنۇپلا ۋىتىر ئوقۇش ئارقىلىق ئويقۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن غالىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى