تاڭ يورۇغىچە ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئوقۇۋالسۇن. بۇ ھەدىس: ئۇخلاپ قالغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۆزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر نامىزىنى تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ