ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەندە كېچە نامىزىدىكى ۋاقىتتا، مۈگدەك بىسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىش قېيىن بولۇپ، نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بولسا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيقۇسى تۈگىگەنگە قەدەر يېتىپ ئارام ئالسۇن، بەلكىم سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مەنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېيىنىغا دۇئا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇخارىنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان رىۋايىتىدە: «بىرىڭلار نامازدا مۈگدەپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان نەرسىسىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇخلىسۇن» دېيىلگەن