ئۇلۇغ ساھابە ئىبنى ئابباس بىزگە بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بىرىدۇ، ئۇ بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ «تەھەججۈد» كېچىلىك نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ھاممىسى مەيمۇنەنىڭ ئۆيىگە قونغىلى باردى، رەسۇلۇللاھ كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئىبنى ئابباسمۇ تەڭ تۇرۇپ نامازدا رەسۇلۇللاھقا ئىقتىدا قىلىش ئۈچۈن سول تەرىپىدە تۇردى، ئىقتىدا قىلغۇچى بىر ئادەم بولسا ئەسلىدە ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇش ئەۋزەل، شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بېشىدىن تۇتقىنىچە ئارقا تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ ئوڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇرغۇزدى