ھەر قانداق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلسا، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاپ بەرگۈچىلىك ھالەتتە روھىنى قايتۇرىدۇ. ئەگەر سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلسىڭىز، ئاللاھ ئۇنىڭغا روھىنى قايتۇرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىزنىڭ سالىمىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ھەدىسنىڭ ئېنىق مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى يىنىدا تۇرۇپ: "ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن" دېگەن كىشىگە ئوخشاش، يېقىن جايدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بەلكىم يىراق-يېقىندىكى ھەر قانداق كىشىلەرگە بولىشىمۇ مۇمكىن، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر