ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇ، ئەبۇ جەھىل: «ئاراڭلاردا مۇھەممەدنىڭ يۈزى توپىغا مېلىنىشىنى خالامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇ جەھىل: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەم گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە كېلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىۋىتىپ، تۇيۇقسىز كەينىگە داجىپ ئىككى قولى بىلەن ساقلاندى، «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورالغاندا، ئەبۇ جەھىل: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئوت لاۋىلداپ تۇرغان ئورەك، قورقۇنۇچ، ۋە قاناتلار پەيدا بولدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى»، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرىغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]، ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن، يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15-16]. ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى)نى چاقىرىمىز[18]. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». راۋىلاردىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر قانچە ئىشقا بۇيرىدى. ئابدۇل ئەئلا دېگەن يەنە بىر راۋى: ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]، يەنى: «ئۆز قەۋمىنى» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) -
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان