ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق ئاچلىق يەتكەن بولۇپ، بۇنى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىنىڭ بوشلۇقىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋالدى، ئايالى ئۇممۇ سۇلەيمگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە بارمۇ؟، دەپ سورىغان ئىدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ھەئە، ئۆيىمىزدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچلىقىنى تويغۇزغۇدەك نەرسە بار، دېدى-دە، ئارپا نېنىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ياغلىقىنىڭ بىر تەرىپىگە ئوراپ، ئەنەسنىڭ كىيىمىنىڭ ئاستىغا تىقىپ، ياغلىقنىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن ئەنەسنىڭ قوينىدىكى ناننى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا توندەك قىلىپ قويدى، ئەنەس مەسچىتكە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا تاپتى، ئەنەس ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟» دېدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىزنى تاماققا چاقىرىش ئۈچۈنمۇ؟» دېدى، ئەنەس: ھەئە، دېدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ساھابىلار كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئادەتتە ساھابىلارنى ئايرىپ قويۇپ، بىرنەرسە يېمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يېمەكلىكنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرەلمەي، پەقەت "تاماققا چاقىردى" دېدى، ئەنەس شۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيگە كەلسە يېمەكلىكنى يەپ قايتىدۇ دەپ، شۇنداق دېگەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «تۇرۇڭلار» دېدى، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭدى، ئەنەس ئېيتتى: مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىئارام بولدۇم، ھەتتا ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتىم، دېدى، ئەبۇ تەلھە: ئى ئۇممۇ سۇلەيم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ، ئۆيدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈدەك يېمەكلىك يوققۇ؟ دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىشنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قايتۇردى، گوياكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت مۆجىزىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگەندەك بولدى، مانا بۇ ئۇنىڭ زېرەك، ئەقلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئەبۇ تەلھە ئۆيدىن چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋالدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشلاپ ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرىپ: «تاماقنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆيدە ئۇممۇ سۇلەيم تەييار قىلغان نانلا بار ئىدى- دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: پەقەت بىر نان بار ئىدى-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىنى يالغۇز چاقىرىپ كېلىشكە ئەنەسنى ئەۋەتكەن ئىدىم، بىزنىڭ يېنىمىزدا مەن كۆرگەن بۇ كىشىلەرگە يەتكۈدەك تاماق يوق-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆيگە كىرگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلادا بار بولغان تاماققا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقتىدا: «ئى ئۇممۇ سۇلەيم! بار تاماقنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم ھېلىقى ناننى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ناننى ئوشتۇشقا بۇيرىدى، ئۇممۇ سۈلەيم ئوشۇتۇلغان ناننىڭ ئۈستىگە ماي تۇلۇمىدىكى ماينى سىقىپ سۈركىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مايلىق توقاچ بولدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نانغا ئاللاھ خالىغان بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى، يەنى ئاللاھ تائالا بۇ ئاز يېمەكلىككە بەرىكەت بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن ئورالغان ناننى ئېلىپ كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېچىپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! بۇنىڭ بەرىكىتىنى كاتتا قىلسىلا» دېدى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ، ھەتتا تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ھەتتا جامائەتنىڭ ھەممىسى يېمەكنى يەپ تويدى، ئۇلار يەتمىش ياكى سەكسەن ئادەم ئىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۆيگە ئون كىشى كىردى، ئون كىشى چىقتى، ھەتتا ھەممە كىشى ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن تاماققا قارىسا ئۇ تاماق دەسلەپتە ساھابىلارغا ئالغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش تۇرۇپتۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار ئوندىن-ئوندىن كىرىپ يېدى، ھەتتا سەكسەن ئادەم شۇنداق قىلدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر يېدى، يەنە تاماق ئېشىپمۇ قالدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەتراپتىكى خوشنىلارغىمۇ يەتكۈدەك تاماق ئېشىپ قالدى