جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بىر كىشىنى ھەمرا قىلىپ كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئەنسارىغا: «ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سوغۇق سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى»دېگەن. سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرگەن ئەنسارىنىڭ ئىسمى: ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تەيھان ئەنسارى ئىدى. بىرگە ئېلىپ كىرگەن كىشى بولسا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: ئەگەر ئۆيۈڭدە بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ بولسا شۇنى ئېچەيلى دېگەن. چۈنكى ئۇ ياز ۋاقتى بولۇپ، بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ سوغۇق بولاتتى. سوغۇق سۈيۈڭ بولمىسا ئېرىقتىن ئېغىزىمىزدىلا ئىچەيلى، دېگەن