پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى، ئۇ قاچىنى ئېلىپ سۈتتىن ئىچتى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن پەزىلەتتە ئەۋزەل ئېدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈتنى سەھرالىققا سۇندى، چۈنكى ئۇ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى. ئوڭدىن باشلاڭلار، دېدى