رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىدىن نېسىگە ئارپا سېتىۋالدى، ئۇنىڭغا ئاللاھ يولىدىكى ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يولدىكى يەنى جىھادتا زۆرۈر بولىدىغان نەرسىنى گۆرۈگە قويدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇشلاردا كېيىدىغان ئاللاھتىن قالسا ئۇنى دۈشمەننىڭ قۇرالى ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغان تۆمۈر ساۋۇتنى گۆرەگە قويدى