ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن يېنىغا كەلگەندە، باشقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن چىقىدىغان چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ھەر خىل پۇراقتەك نەرسىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدە بارمىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى مېيىتنىڭ مۇسكۇللىرى بوشۇشۇش نەتىجىسىدە ئادەم بەدىنىدىن ھەر خىل نەرسىلەر كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى تاپالمىغان ۋە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دادام سىلىگە پىدا بولسۇن! سىلى ھەر زامان خۇشپۇراق، ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپاتلىرىدىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا! دېگەن