ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسسىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسۋاكنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئائىشەنىڭ بىر تۇغقىنى ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكر ى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەكراتتا ئىدى، ئابدۇرراھمان بىر ھۆل مىسۋاكتا چىشىنى مىسۋاكلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مىسۋاكنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇ كېسەل ۋە سەكراتتىكى ھالى مىسۋاكقا بولغان مۇھەببىتىنى مەشغۇل قىلالمىدى، بەلكى شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى خالىغاندەك قىلىپ كۆزىنى تىكتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى چۈشەندى ۋە بىر تۇغقىنىدىن مىسۋاكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى چىشى بىلەن كېسىۋېتىپ ياخشى پاكىزلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەردى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكلاپ پاكىزلىقىدىن بىكار بولغاندا، بارمىقىنى كۆتۈرۈپ كەلىمە تەۋھىدنى ئېيتتى، ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىغا كېتىشنى تاللىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتى. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئىشتىن خۇشال ئىدى. ئۇ خۇشال بولۇشقا ھەقلىقتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشى ئۇنىڭ مەيدىسىدە تۇرۇپ جان ئۈزگەن ئىدى