ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا يۆلىنىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلكلەر قاتارىغا قوشسىلا» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتى يېقىنلاپ قالغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىدىن ئۆزىنى يۇقىرى مەرتىۋىدىكى ھەمراھلارغا قوشۇشنى تىلىگەن، ئۇلار پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەر