پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپنە قىلىدىغان ئورۇن توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، ئەبۇبەكرى سىددىق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات بولغان ئورنىغا دەپنى قىلىڭلار! دېدى. بەزى رىۋايەتلەردە: ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەيغەمبەرلەردىن ھەر بېرى ئۆزى دەپنە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندا ۋاپات بولدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ