ئەبۇ ئەلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەتادە ئىبنى مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ھويلىنىڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلا قەتادىنىڭ يۈزىنى ئەينەكتەك سۈزۈك كۆردى، ئۇنىڭ چېرايى نۇرلۇق، پارقىراق ۋە سۈزۈكلۈكتە ماي سۈرتكەندەك پارقىرايتتى، بۇنىڭ سەۋەبى: بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەتادىنىڭ يۈزىنى سىلىغان، قەتادىنىڭ يۈزىنىڭ پارقىرىشى ۋە سۈزۈكلۈكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىغانلىقىنىڭ بەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان