بۇ ھەدىس ساھابىلارغا نامايەندە بولغان مۆجىزاتلار ۋە بىر بۆلەك ئەھكاملارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى: ئۇلار سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتتا ئۇيقۇ غالىپ كېلىپ ئۇخلاپ قالدى، ئۇلار نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە ئويغاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراشتىن ئىبارەت، يەنە بىر مەسىلە، ساھابىلار ئارىسىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇيۇنغۇدەك سۇ يوق ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭدىن سۇ بولمىغان ئەھۋالدا تەيەممۇمنىڭ غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى نامايەن بولدى. ئۈچىنچى ئىش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كىشىلەر سۇ يوق ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ساھابىلارنى ئەۋەتتى، ئۇلار سۇ تاپالماي، ئىككى تۇلۇمدا سۇ ئىلىپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ تۇلۇمىدىن بىر قاچا سۇنى ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلدى، سۇ قاچىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى، ساھابىلار ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرۇشتى، ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ھەتتا جۇنابەت بولۇپ قالغان ساھابىمۇ شۇ سۇدىن ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن ئۇ ئايال سۇ قاچىلانغان تۇلۇمنى ئېلىپ : مەن تۇلۇمغا قارىسام تۇلۇمنىڭ سۈيى مەن ئۇنىڭغا سۇ قاچىلىغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ لىقراق تۇرىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ساھابىلارنى يانلىرىدىكى يېمەكلىكلەردىن بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ ئىش ئۇ ئايالنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەپ بولدى