پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەيد ئەنسارىغا: ماڭا يېقىنلاشقىن دېدى، ئۇ كىشى يېقىنلاشقان ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھ: «قولۇڭنى دۈمبەمگە كىرگۈزۈپ، دۈمبەمنى سىلىغىن» دېدى. مەن قولۇمنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. كېيىن ئۇ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ھەققىدە سورالغاندا: «ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدىكى كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك بەلگە ئۈستىدىكى بىر قانچە دانە تۈكلەر» دەپ جاۋاب بەردى