ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مەككىنى پەتھى قىلىپ، بۇت ۋە ھەيكەل، سۈرەتلەردىن پاكلاپ بەرگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتكارى بىلال، ئۇسامە، كەئبىنىڭ ساقلىغۇچىسى، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كەئبىگە كىردى. باشقىلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارمۇ كىرىپ بېسىق قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشىكنى تاقىدى. ئەگەردە ئۇلارمۇ كىرسە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەرۋەرىگارىغا ئىبادەت قىلىشتىن، نىېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئۇزۇن تۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ قىلىشقا بەك ھىرىسمەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىك ئېچىلغاندىلا بىلالدىن سورىدى، ئۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر يەردە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، بىلال: ھەئە ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىدا ناماز ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا كەئبىدە ئالتە تۈۋرۈك بار ئىدى، ئۈچ تۈۋرۈكنى كەينىدە قويۇپ ئىككى تۈۋرۈكنى ئوڭ يېنىدا بىرىنى سول يېنىدا تام بىلەن ئارلىقىنى ئۈچ گەز قويۇپ ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدى، تۆرت بۇلىڭىدا دۇئا قىلدى، دېگەن