ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ئورانغان ھالەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بامدات نامىزىغا قاتنىشاتتى، ۋە نامازدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقاندا، تېخى قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئارىلىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، يەنى كۆرۈشنى توسۇپ تۇرىدىغان قاراڭغۇنىڭ قالدۇقى تېخىچە بولغانلىقىدىن، ئۇلارغا قارىغانلار كىملىكىنى تونىيالمايتتى. بەسسامنىڭ تەيسىرۇلئەھكام 86- بەت