جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ چۈشەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك شەكىل ۋە سۈرەتلەردە كىلەتتى، بۇ ھەدىستە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، نامازنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەش ۋاقىت نامازدا ئىمام بولغان. ھەدىس بايان قىلىنغان ۋەقەلىك مۇنداق: بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئەسىر نامىزىنى ئادەتتىكى ۋاقتىدىن ئازراق كېچىكتۈردى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خەلىپىنىڭ بۇ ئىشنى تەنقىت قىلىپ، جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىق ۋەقەلىكىنى يەتكۈزدى، ئۆمەر بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ ئۇرۋىنى ئويلىنىپ سۆزلەشكە، ئېنىقلاشقا ۋە دەلىلسىز گەپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەدىسنى بەشىير ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇ ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، ئۆزىگە ئىمام بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى، ئەركانلىرى ۋە قانداق ئوقۇشنى بىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى