پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدى، قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلىكتىن، ھەركىم ئۆزى جەزىم قىلغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ نامازنى قىبلىگە قاراپ ئوقۇمىغانلىقى بىلىندى. ئۇلار بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغاندا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت