بۇ ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلىرى بايان قىلىنغان، پىشىن نامىزى قوياش تىكلىشىپ بىر ئاز قەرىلگەندىن باشلاپ ئوقۇلىدۇ، بۇ دەسلەپكى ۋاقتى. ئەسىر نامىزى قوياش تېخى نۇرلۇق، قوياش پېتىشتا كۆرۈلىدىغان سېرىقلىق يوق ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، زاۋال سايىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئىككى ھەسسە بولغاندا ئوقۇلىدۇ. شام نامىزى قوياش پاتقاندىن كېيىنلا ئوقۇلىدۇ. ئەمما خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى جامائەت بولغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئوقۇلىدۇ، ئەگەر دەسلەپكى ۋاقتىدا كەلسە شۇ ۋاقىتتا بولمىسا جامائەتكە ئېغىرچىلىق بولمىسا كېچە يېرىم بولغاندا ئوقۇلىدۇ، دەسلەپكى ۋاقتى بولسا قوياش پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىق يوقالغان ۋاقىت. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا ئوقۇلىدۇ