ئەبى قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمى ئەلبەسرى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىزنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمىزگە كېلىپ: مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لىكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن بولسام شۇنداق ناماز ئوقۇپ بېرىش، دېدى. ئەييۇب ئەبۇ قىلابىگە: ئۇ قانداق ناماز ئوقۇيتتى؟ دېسەم. ئەبۇ قىلابە: بىزنىڭ مۇشۇ ئاقساقىلىمىز «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» غا ئوخشاش، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۋىتەتتى، دېدى. شەيخىدىن مەقسەت: ئەبۇ بۇرەيد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئەبۇ قەلابە مۇنداق دەيدۇ: ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس مەسچىتكە كىرىپ بىزگە مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەمەلىي ئۈگۈتۈپ قوياش ئۈچۈن بىر ناماز ئوقۇپ بىرەي، سىلەر ئۇنى ئېسىڭلاردا ياخشى ساقلىۋالغايسىلەر. ئەبۇ قەلابىدىن رىۋايەت قىلغان كىشى: سىلەرگە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى قانداق كۆرسەتتى دېگەندە، ئۇ: بىزنىڭ بۇ ئاقساقىلىمىز ئەبۇ يەزىد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمىنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەردى، ئۇ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئولتۇرۇپ ئاندىن قوپاتتى