بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئۈگەتكەن ۋە تەلىم بەرگەن نوقتىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ نامازنى تەكبىرەتۇل ئىھرام «ئاللاھۇ ئەكبەر» بىلەن باشلايتتى، قىرائەتتىن سۈرە پاتىھەنى «ئەلھەمدۇ لىللاھ» نى باشتا ئوقۇيتتى، قىيامدىن كېيىنكى رۇكۇدا دۇمبىسىنى بەك توۋەنمۇ بەك ئۈستۈنمۇ قىلمايتتى، بەلكى تۈز ۋە ئوتتۇرسىدا قىلاتتى، سەجدىگە بېرىشتىن ئىلگىرى، رۇكۇدىن تۇرغاندا رۇس ۋە تىك، تەمكىن تۇراتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن ئولتۇرماي سەجدە قىلمايتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بۇ زىكرىنى دەيتتى: پۈتكۈل ئۇلۇغلاش قىلىندىغان بارلىق ئىبادەتلەر، ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر. تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، نامازدا شەيتان ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇشتىن توسقان، ئۇ بولسىمۇ، ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ، پۇتنىڭ ئالقىنى ۋە تاپىنىدا ئولتۇرۇش، ياكى ئىككى پۇتىنى تىكلەپ كاسىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇرۇش. يەنە نامازخاننى ئىككى بىلىكىنى خۇددى يىرىتقۇچىلار يەرگە چاپلىغاندەك چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توسقان. ناماز ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە بۈيۈك بىلىش بىلەن باشلىنىپ، پەرىشتىلەرگە، ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بارلىق تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا، ئىلگىرى ۋە كېيىنكىلەرگە سالام بىرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نامازخان كۆپچىلىككە قىلىنغان بۇ دۇئانى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك