پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغاندا ئۇ دەرھال چۆچىگەن ھالدا تۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى مۇكەممەل تونۇغانلىقى ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان قىلغان ئىدى، زېمىن ئەھلىدىن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا پېتىپ، چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ياكى سۈر چېلىنىش ۋاقتى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر يۈز بەردىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال مەسچىتكە كىرىپ كىشىلەر بىلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى ئوقۇدى، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۇزۇن ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى بەندىلىرىنىڭ دۇئاغا، كەچۈرۈم سوراشقا، ئاللاھنى ئەسلەشكە، نامازغا ئالدىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىبرەت، ئەسلىتىش، قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى