ھەدىسنىڭ مەنىسى: سەن زېمىندە سەجدە قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىككى ئالقىنىڭنى زېمىنغا قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرۈپ، ئىككى بېقىنىڭدىن يىراق تۇتقىن، بۇ كەمتەرلىك ھالىتىگە ئوخشايدۇ، ھورۇنلۇق ھالىتى ۋە ھايۋانلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن يىراقتۇر، چۈنكى ئىككى جەينىكىنى يەرگە چاپلىۋىلىش، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئىككى بىلىكىنى يەرگە چاپلىۋالغاندا ئۇ كىشىنىڭ ھالى نامازغا ھورۇنلۇق قىلغۇچىنىڭ، نامازغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋە قەلبى بىلەن يۈزلەنمەيدىغان كىشىنىڭ ھالىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىمام مۇسلىم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغاندا ئىككى جەينىكىنى ئىككى بېقىنىدىن يىراق قىلاتتى، ئەگەر كىچىك قوزىلار جەينىكىنىڭ ئاستىدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۆتەلەيتتى» دېيىلگەن