ناماز كاتتا ئىبادەت بولۇپ، تەندىكى ھەر بىر ئەزانىڭ خاس بىر ئبادىتى بولۇپ، مىسالغا ئالساق ئىككى قول، ئۇنىڭ ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرى، تەكبىرەتۇل ئىھرام «نامازنى باشلىغاندىكى تەكبىر»دە قولنى كۆتۈرىدۇ، تەكبىر دېمەك؛ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئۈستۈنلۈك ۋە سەلتەنەت ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» بولسا؛ ھۆرمەت ئۈستۈنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى قولنى كۆتۈرۈش مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ، بارلىق رۇكۇلاردا شۇنداق كۆتۈرلىدۇ، يەنە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ قوپىدۇ، ھەممە رەكئەتتە شۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە قول كۆتۈرمەيدىغان باشقا ۋاقىتلاردا كۆتۈرىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان