پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ ئۇلۇغ زىكىرلەرنى ئېيتاتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوق. ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، يەنى: ئاللاھقا ئىلاھلىقتا ، پەرۋەردىگارلىقتا ۋە ئىسىم -سۈپەتلەردە ھېچ شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. مۇلكىيەت ۋە پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مۇتلەق ئىگىدارچلىقى ھەممە تەرەپتىن ئاللاھقا خاستۇر. بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاللاھ مۇكەممەل مۇتلەق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر. خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق ھەر قانداق ھالەتتە ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشى كۆرۈشتە مۇكەممەل ماختالغۇچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، يەنى: ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇكەممەلدۇر، ھەممە تەرەپتىن تولۇقتۇر، ھېچ قانداق نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن ھېچ قانداق بىر ئىش باشتارتىلمايدۇ بەلكى شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ. بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكۈلۈش پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر. يەنى: بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش، ئاسىيلىقتىن ئىتائەتكە يۆتكىلىش ۋە كۇچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر، ئاللاھ بۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچىدۇر، بۇنىڭدا ئاللاھ تايانچىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، يەنى: بۇ ئىلاھلىقنىڭ مەنىسىنى كۇچلاندۇرۇش ۋە شېرىكنى رەت قىلىشتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىرى ئىبادەتكە لايىق ئەمەستۇر. بارلىق نېئمەتلەر ۋە پەزىلەت ئاللاھ ئۈچۈندۇر، يەنى: ئاللاھ نېئمەتلەرنى پەيدا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئۆز پەزلىدىن نېئمەت ئاتا قىلىدۇ. گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، نېمەتلىرىدە ھەرقانداق ھالەتتە ماختاشقا سازاۋەردۇر. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىمىز گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: ئاللاھنى يەككە يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا رىيا قىلمايدۇ ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلمايدۇ. «گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنى يېگانە بىلىشتە ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەۋرەنمەيدۇ.