ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستە بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈرە نەسرنى نازىل قىلغاندا، پەيغەمبىرىمىز بۇ سۈرىدە كەلگەن ئىشارەتلەرنى، يەنى: باشقا غەلبىلەرنى ۋە مەككىنى پەتھى قىلىشنى كۆرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشقا ئالدىرىدى. شۇڭا (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى بەك كۆپ تەكرارلايتتى. بۇ دۇئا؛ ئاللاھ تائالانى پۈتۈن كەمچىللىكتىن پاكلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەيىپ نۇقساندىن پاك ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى پەرز ياكى نەپلە بولسۇن ھەرقانداق بىر ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە مەزكۇر دۇئانى قىلاتتى. بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئىدى