پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئاخىرقى تەشەھھۇتتىن كېيىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلەيتتى. بىرىنچىسى: قەبىر ئازابى. ئىككىنچىسى: قىيامەت كۈنى بولىدىغان دوزاخ ئازابى. ئۈچىنچىسى: ھاياتلىقنىڭ پىتنىسى، دۇنيانىڭ ھارام بولغان شەھۋەتلىرى، ئازدۇرغۇچى شۈبھاتلىرى، ئۆلگەندىن كېيىنكى پىتنىلەر: سەكراتقا چۈشكەندە ئىسلامدىن تېيىلىپ كېتىش، سۈننەتنى تەرك ئېتىش، ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال سورىغىنىغا ئوخشاش قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيتتى. تۆتىنچى: ئاخىر زاماندا چىقىدىغان مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىنايدۇ، ئۇنى ئايرىم زىكىر قىلىشى، ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ۋە ئازدۇرىشىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.