ئەبۇ رەمسە دوختۇر بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدا ئۆرلەپ تۇرغان پەيغەمبەرلىك مۆھرىنى كۆرۈپ ئۇنى ئارتۇق خېلىتلاردىن پەيدا بولغان ئۆسمە دەپ ئويلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنى ئۆزىنىڭ داۋالىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر»، يەنى: «ئاللاھ كېسەلگە ھەقىقى شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ۋە داۋالىغۇچىدۇر، سەن بولساڭ بىمارلارغا كۆيۈنىدىغان ئادەم»، يەنى: «مېھرىبانلىق قىلىدىغان ۋە كۆيۈنىدىغان ئادەم» دېدى، چۈنكى داۋالىغۇچى كېسەل بىلەن دورىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى، ساقلىق ۋە شىپالىق ئاتا قىلىشقا قادىر بولغۇچىدۇر، ئۇ بولسىمۇ پەقەت ئاللاھتۇر