ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۈممەتلەردىن بىرەر ئۈممەتكە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، پەيغەمبەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈممىتى قىلىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر جەننەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى بولىدۇ ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شاپائەتچى بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆلگە ئىلگىرى بارىمەن»، ئاللاھ بىرەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، پەيغەمبىرى ھايات ھالەتتە ئۇ ئۈممەتنى ئازابلايدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ، خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىنى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئازابلاپ ھالاك قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھنى بۇ ئۈممەتكە تەييارلىغان ھەدىيەسى ۋە رەھمىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»ئەنبىيا سۈرىسى 107-ئايەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات تۇرۇپ بۇ ئۈممەتنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. بۇ ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە ياخشىلىقىنى زىيادە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ» ئەنپال سۈرىسى 33-ئايەت