پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمگە ئەزىيەت بەرسە، دۈشمەن تۇتىسا، ئۆچ كۆرسە، مەنمۇ ئۇ كىشىنى ئۆچ كۆرىمەن، ئۇنى دۈشمەن تۇتىمەن ۋە ئۇرۇش ئىلان قىلىمەن. ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىسى دېگەن: تەقۋادار مۇئمىن كىشىدۇر، بەندە ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئاللاھقا بولغان يېقىنلىق نەسىبىسىنى ئالىدۇ. مۇسۇلمان ئۆز رەببىگە ئۇ پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىپ، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن قول ئۇزۇشنى ۋاجىپ قىلدى، مۇسۇلمان پەرز ئەمەللەر بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق رەببىگە يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنى توغرا يولدا قوللىنىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ: ئۇنىڭ ئاڭلاش ئەزاسىنى توغرىلايدۇ، پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان نەرسىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىنى توغرىلايدۇ، ئۇ كىشى پەقەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان نەرسىگە قارايدۇ. قولىنى توغرىلايدۇ، قولى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدۇ. پۇتىنى توغرىلايدۇ، پۇتى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە ياخشىلىق بولغان يوللاردا ماڭىدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، دۇئا قىلسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىسە، ئاللاھنىڭ ھىمايىسىنى ئىزدەپ ئىلتىجا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى پاناھلىقىغا ئالىدۇ، ئەندىشە قىلغان ئىشلاردىن ھىمايە قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھىچ ئىشىمدا مۇئمىنگە رەھمەت قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمدە دەرت-ئەلەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇئمىننىڭ دەرت تارتىشىنى ياقتۇرمايدۇ.