ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇر، گۈزەل ۋە مۇكەممەل سۈپەت ئىگىسىدۇر، بەندە ئاللا تائالاغا ھارام يول بىلەن ياكى شۈبھە بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مالنى سەدىقە قىلىش، ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش ئارقىلىق، ياكى بۇزۇلغان ئاشلىقلارنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە قانداق بىر نەرسىلەرنى يېيىشنى دۇرۇس قىلغان بولسا، شۇ نەرسىنى مۆئمىن بەندىلىرىگىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە نىېمىتىگە شۈكۈر قىلغان ئاساستا يېيىشنى دۇرۇس قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆز يولىدا چىقىم قىلغۇچىلاردىن ھالال نەرسىلەرنى چىقىم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە شۇنىڭدەكلا ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەل-ئىبادەتلەردىن شەرىئەت كۆرسەتكىنىنى ئىخلاس بىلەن قىلىش گۈزەل بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى ھارامدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بىر كىشىنىڭ مېسالىنى تىلغا ئالغان، ئۇ كىشى ھەج، جىھاد ياكى تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلىدىغان، ئىبادەت ئۈچۈن قىلىنغان بۇ سەپەردە چاچلىرى چۇۋۇق، توپا-تەرەت ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرغان ھالدىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇلنى ھارامدىن تاپقان، يېمەك-ئىچمىكىمۇ ھارامدىن بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر