پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلار ۋە كاپىرلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاللاھنى ناقىس، ئەيىپلىك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۇلارغا لايىق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى يالغانغا چېقىرىشى: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دەسلەپتە يوقلۇقتىن پەيدا قىلغاندەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى زات ئۇلارنى ئۆلگەندىن كىيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، بەلكى بۇ ئاۋۋالقىسىدىن ئاساندۇر، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن يېڭىدىن پەيدا قىلىش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تېرگۈزۈش ئىشى ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا دەشنام قىلىشى: ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىم، سۈپەت، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە يەككە-يىگانە، ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقى، ھەممىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ بىر كىشىنىڭ ئاتىسى بولمىغانلىقىنى، ھېچ بىر كىشىنىڭمۇ بالىسى بولمىغانلىقىنى، ئوخشاشلىقتا، باراۋەرلىكتە ھېچ كىشىنىڭ ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.